خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقان گېرمانىيە شىركەتلىرى كۆپەيگەن

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقان ياكى شۇنداق قىلماقچى بولۇۋاتقان گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ نىسبىتى ئۆتكەن تۆت يىلدا بىر قاتلانغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، گېرمانىيە سودا ئۇيۇشمىسى خىتايدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىدىن چېكىنىش نىسبىتىنىڭ 9 پىرسەنتكە ئۆرلىگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ تەكشۈرۈشتە خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان گېرمانىيە شىركەتلىرى دۇچ كەلگەن خىرىسلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چىقىپ كەتمەكچى بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ئاساسلىق يەرلىك شىركەتلەر بىلەن بولغان رىقابىتىنىڭ كۈچىيىشى، بازارنىڭ باراۋەرسىزلىكى، ئىقتىسادىي قالايمىقانچىلىقلار ۋە گېئو-سىياسىي خەۋپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە تەكشۈرۈلگەن 566 گېرمان كارخانسىنىڭ تەخمىنەن ئىككى پىرسەنتى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولسا، يەتتە پىرسەنتى تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئىكەن. بۇندىن باشقا، بۇ شىركەتلەرنىڭ 44 پىرسەنتى خىتايدىكى سودا مۇھىتىدىكى خەۋپلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانغان بولۇپ، بۇ خىتايدىن باشقا تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا پەيدا قىلىۋاتقان ئىغۋاگەرچىلىكى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىغا بولغان كونتروللۇقىنىڭ ئېشىشى، غەرب شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردە سودا يوللىرىنى ئېچىش ئىزدىنىشىنى كۈچەيتكەن ئىكەن.