خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ب د ت بىلەن «كەڭ دائىرىلىك پىكىر بىرلىكى» ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت نىڭ تېررورلۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل رۇسىيەلىك مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋلادىمىر ۋورونكوفنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدىن كېيىن بۇ سۆزلەرنى قىلغان. ۋورونكوفنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى زىيارىتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان ئۆتكەن جۈمە كۈنى ۋورونكوفنىڭ زىيارىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ۋورونكوفنىڭ زىيارىتى «بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر باشقا مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق پەردازلاپ، ئۇنىڭ قانۇنسىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلۇقتەك كۆرسىتىپ قويىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەنىدى.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 16-ئىيۇن ۋورونكوفنىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ: «ئىككى تەرەپ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى، ب د ت بىلەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى ۋە كەڭ دائىرىلىك پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى» دېگەن.
ۋورونكوف، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېينى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان، لېكىن باشىلېي خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خالىغان لاگېرنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمىغىچە بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر مەزگىلدە مەزكۇر رايوندا زىيارەتتە بولدى. مىشېل باشىلېينىڭ باياناتچىسى مارتا خۇرتادو ئۆتكەن جۈمە كۈنى رادىيومىزدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئالىي كومىسسار خىتاينىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. لېكىن بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە داۋاملىق سۆزلىشىۋاتىمىز» دېگەن.
خىتاي، ب د ت ئالىي كومىسسارىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24-ئىيۇن باشلىنىدىغان 41-نۆۋەتلىك يىغىنى ھارپىسىدا ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسوننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ خىتاينىڭ يىغىندا يەنە تەنقىدلىنىشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان بىر تاكتىكىسى ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋورونكوف بىلەن «كەڭ دائىرىلىك پىكرى بىرلىكى» ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، تېررورلۇققا قارشى كونكرېت قايسى مەسىلىلەردە «كەڭ دائىرىلىك پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى» نى چۈشەندۈرمىگەن.