نۆۋەتتە «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى ياڭ جيەنلى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» دا ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت ) خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشتىن توسۇشقا چاقىردى.
ياڭ جيەنلى ماقالىسىدە خەلقنىڭ سايلىشىدىن ئۆتمىگەن، شۇنداقلا خىتاي خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارادا خىتاي خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇدرىتىدىن ئەيمىنىپ، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلالمايۋاتىدۇ. ئەمما بۇ دۆلەتلەر ب د ت دا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىگە قارشى تۇرسا بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ خىل ئۇسۇل بۇ دۆلەتلەرنى «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى» دېگەن بەتنامدىن نېرى قىلالايدىكەن.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت نىڭ بەلگىلىمىسىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر جەزمەن «ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشتا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان» دۆلەتلەر بولۇشى لازىم ئىكەن. ئەمما خىتايدىكى سانسىزلىغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر، ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللار خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى قايسى دەرىجىدە ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان روشەن ئىسپاتلار ئىكەن. شۇڭا ئۇ دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى سايلىمىدا خىتايغا بېلەت تاشلىماسلىق، شۇ ئارقىلىق خىتاينى قايتا سايلىنىۋېلىشتىن توسۇشقا چاقىرغان.