2023-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى (HRC) گە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزا بولۇپ سايلىنىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم 26-سېنتەبىر كۈنى X (يەنى بۇرۇنقى تىۋېتتېر) دا ئۇچۇر يوللاپ بۇ ھالنى كەسكىن تەنقىدلىدى. ئۇنىڭ ئۇچۇرىدا مۇنداق قۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ: «بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇپ سايلىنىشى ئاللىقاچان مۇقىملىشىپ بولغان ئىش، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا سايلانماقچى بولغان نامزاتلار ئاز دېگەندىمۇ سايلام بېلىتىنىڭ 50 پىرسەنتىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقان بۇنداق بىر نامزاتقا ھېچقانداق دۆلەت بېلەت تاشلىماسلىقى كېرەك».
كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا بولۇشنى يەنە بىر قېتىم تەمە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇرلار ۋە خوڭكوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى توسۇشقا ۋە ئۇنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەسكىن تەنقىدلەرگە ئۇچرىغانىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىكنى قايسى دەرىجىگە ئېلىپ بارغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولغانىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى يەمچۈك قىلىش ئارقىلىق دۇنيا جامائىتىنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ كېتىشى يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقتىن، بۇ ھال «پۇل بىلەن ئەخلاقنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى كۈرىشى» دەپ ئاتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىللىق سايلام بېلىتى تاشلاش 10-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتلەردە بولماقتا ئىكەن.