ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئاۋاز بېرىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك يېڭى ئەزالىرىنى قايتا سايلاپ چىقىدىغان ھالقىلىق بىر پەيتتە، خەلقئارادىكى 80 نەچچە تەشكىلات ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتا سايلىنىشىنى رەت قىلىشقا چاقىرغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز… خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قايتا سايلىنىش ئۈچۈن نامزات بولۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز ھەمدە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى خىتايغا بىلەت تاشلىماسلىققا ۋە ئورۇننى بوش قويۇپ قويۇشقا چاقىرىمىز» . باياناتتا يەنە، «خىتاينىڭ يەر شارى مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئالغا سۈرۈشكە مەسئۇل بولغان بۇ ئورگاندا ئورۇن ئىگىلەشكە لايىق ئەمەسلىكى» تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئورتاق باياناتنى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» ، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ، «ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ، «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» ، «رېنې كاسسىن كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن يەھۇدىيلار ئاۋازى» قاتارلىق 80 نەچچە تەشكىلات بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ بۇ ئورگانغا قايتا ئەزا بولۇپ سايلىنىشىغا قارشى بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قايتا سايلىنىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك، دەپ قارالماقتا.
بۇ قېتىم كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئاسىيا رايونىدىن 4 دۆلەت قايتا سايلىنىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ 4 ئورۇنغا خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنى قايتا نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. لېكىن 80 نەچچە تەشكىلات 9-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا مىللىي كىملىك ئاساسىدا كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى» ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ 2022-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بۇ باستۇرۇشنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئەگەر ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى بۇ قېتىملىق بىلەت تاشلاشتا خىتاينى «قوللاش نىسبىتىدىكى ھەرقانداق ئارتىش، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئۇنىڭغا خاتا سىگنال بېرىدىكەن. »