يۇي جىڭشىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملىق باستۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈي جىڭشىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، «دىنىي رادىكاللىق» قا داۋاملىق زەربە بېرىش، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قارشى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى تەكىتلىگەن.

يۈي جىڭشىڭ 23‏-مايدىن 28-مايغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، چېگرا ئېغىزى، ساقچى، بىڭتۇەن، بىر قىسىم سانائەت رايونلىرىنى، بەزى ئۇيغۇر يېزىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن، ئەسكەرلەر، كۆچمەنلەر، بىڭتۇەنلىك خىتايلار، بەزى ئۇيغۇر دېھقانلار، يەرلىك دىنىي كىشىلەر ۋە ئاساسى قاتلام خادىملىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

يۈي جىڭشىڭ قاغىلىق، مارالبېشى قاتارلىق ناھىيىلەردە ئارقا-ئارقىدىن توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى كوزىر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن تەنقىد قىلىۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي سىياسىتىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەسئۇل «شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» يۈي جىڭشىڭنىڭ رەھبەرلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.