تارىخچى دېيۋىد بروفىي «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىمى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلدى

ئامېرىكىدىكى پەسىللىك ژۇرنال «جەيكوبىن» نىڭ 31-ماي كۈنىدىكى سانىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىمى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى ئاۋسترالىيە سېدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى دېيۋىد بروفىي يازغان.

دېيۋىد بروفىي ماقالىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە زورۋانلىق ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتى خەلقئارادا تىبەت مەسىلىسىدەك كەڭ تونۇلمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىننى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئىسلامچى رادىكاللار» غا قارشى تۇرۇش دېگەن باھانە بىلەن رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» ئارقىلىق ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەبنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ھەرقانداق بىر قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە تىنچ بىر مۇھىت يارىتىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە تەكىتلىگەن مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ھۆكۈمەتلەر بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا خىتايغا تەنقىدلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بىر تېما بولۇشى كېرەكلىكى بولغان. ئۇ ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى مۇقىم تېمىلارنىڭ بىرى قىلىشى كېرەكلىكىنى، يەنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدە داۋاملىق تۈردە ئوتتۇرىغا قويىدىغان مەسىلە بولۇشىنى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەتلەر بەزىدە تىلغا ئېلىپ بەزىدە كارى بولمايدىغان، خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدىكى مۇھىم نوقتىلار ئۆزگەرگەندە تاشلىۋېتىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالماسلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.