خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر بىر كەنتكە بىردىن «خەلق ئىشلىرى ياردەمچى خادىمى» ئورۇنلاشتۇرغان

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان 3 ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى ھەر بىر كەنتكە بىردىن «خەلق ئىشلىرى ياردەمچى خادىمى» ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر «خەلق ئىشلىرى ياردەمچى خادىملىرى» نىڭ ۋەزىپىسى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، ئائىلىلەرنىڭ كىرىم ئەھۋالى قاتارلىق تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرۈش تۇرۇش ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، دائىرىلەر ھەر خىل ناملاردا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئائىلە ھاياتىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 9-نويابىر بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى كەنتلەرگە 3578 نەپەر «خەلق ئىشلىرى ياردەمچى خادىمى» ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر كەنتتە بىردىن «ياردەمچى» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

خەۋەردە خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى 389 كەنتنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن «ياردەمچى خادىم» ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «ئاساسى قاتلامنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ھەر بىر كەنتكە بىردىن «خەلق ئىشلىرى ياردەمچىسى» تەيىنلەش خىزمىتى 2018-يىلى ئۇچتۇرپان، قەشقەر يېڭىشەھەر، ئاۋات ۋە قاراقاش قاتارلىق ناھىيەلەردىكى 37 كەنتتە سىناق تەرىقىسىدە باشلانغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ ھەممىسىدە ئومۇملىشىپ بولغان.