خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قامالىنى يەنە بىر بالداق كۈچەيتىش مەقسىتى بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ تارماق ئىشخانىلىرىنى ھەرقايسى يېزا-بازارلارغىچە ئومۇملاشتۇرغان.
«شىنخۇا تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، 19-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق يېزا-بازارلاردا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى «رېۋىزىيە ئىشخانىسى» ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەردە بۇ ئىشخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشى «بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەتئىي كۈرەشنى كۈچەيتىش، يەنە بىر قولدا چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چىڭ تۇتۇش» نى مەقسەت قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە 2 مىليون كىشىنى «ئىككى يۈزلىمىچى»، «دىنى ئاشقۇن» دېگەن قالپاقلار بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرغا قامىغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ رېۋىزىيە ئىشخانىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلارغىچە كېڭەيتىلىشى ئۇنىڭ يەرلىكتىكى كادىرلارغىمۇ ئىشەنمەيۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش بىرگە يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيتىپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
