ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق نازارەت ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ يەر ئالدى

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى بىرنەچچە چوڭ ۋە نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلىنىپ بولغانلىقى ھەمدە بۇ جايدا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە مەۋجۇت بولمىغان گىرەلەشمە نازارەت سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەرلەر ئىشلىدى. نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللار ياۋروپادىكى گېزىتلەردىنمۇ كەڭ يەر ئالماقتا.

ئىتالىيەدىكى چوڭ گېزىتلەردىن «پوچتا» گېزىتىنىڭ 26-دېكابىردىكى سانىغا بېسىلغان «دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان ماكان ھەققىدە ھېكايىلەر» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە قاتمۇ-قات نازارەت ۋە تەكشۈرۈشلەرگە، جۈملىدىن كىملىك تەكشۈرۈشى، تېلېفون تەكشۈرۈشى، ئۆي تەكشۈرۈشى قاتارلىقلارغا مۇپتىلا بولۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» ۋە «بازفېد خەۋەرلىرى» قاتارلىق نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ماكانىدا نەق مەيدان تەكشۈرۈشىدە بولغانلىقىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى بەزى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي ئىشغالىيىتى قاتارلىقلارنى بايان قىلىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلماسلىقى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمى ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىشنى تاللىۋالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

«فىرانسىيە تېلېۋىزىيە ئۇچۇرلىرى» بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قاتتىق نازارەت ھەققىدە ئامېرىكىدىكى «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتى ئاساسىدىكى «ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قاتتىق نازارىتىدە ياشىماقتا» سەرلەۋھىلىك فرانسۇزچە ماقالە 26-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدا سوفى خانىم نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تەقىبلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمەيۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.