30-ئاۋغۇست خىتاينىڭ قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە رادىيوسى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىلنى ئەلچىخانا تەۋەلىكىگە كىرىدىغان دەرۋازىغا ئۈستۈرگەن. ۋەقەدە، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى ئۆلگەن، ئەلچىخانىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى بىلەن بىر ئايال يارىلانغان.
فىرانسىيە رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جېنىش رازاكوف ۋەقەدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقەنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى، ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ نەق مەيداندا ئۆلگەنلىكىنى، ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ قىرغىزىستان ئەلچىخانىسىدىكى 3 نەپەر خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ تەرىپلىگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىدە، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ۋە يەنە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېفنىڭ، سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان پارتلىتىش ھۇجۇمىدىن كېيىن، قىرغىزىستاندا تېررورلۇققا قارشى تەدبىرنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەنلىكى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاشتىن كېيىن قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتىكى خىتاي ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار تارقاقلاشتۇرۇلغان.