خىتاي ھۆكۈمىتى بېلگىيە تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئايرودروملاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن. خىتاي خەلق ھاۋا قاتناش ئىدارىسى، «بۇ تەدبىرلەر بېلگىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم سەۋەبلىك ئېلىنغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
بىر ئايرودروم خادىمىنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئامانلىق تەدبىرى خىتايدىكى بارلىق ئايرودروملاردا كۈچەيتىلگەن. خەۋەردە، خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئايرودروم زاللىرىنىڭ سىرتىدا بەزى يولۇچىلارنى توختىتىپ، سومكا، يۈك-تاقىلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
د ئۇ ق ئىلگىرى خەلقئارا ياكى خىتايدا يۈز بەرگەن ھەر قېتىملىق زور ۋەقەدە ئۇيغۇرلار خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەنقىدلەپ كەلگەن ئىدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، تەكشۈرۈش نىشانى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى شىنجاڭدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى» نى ئەسكەرتكەن.
خەۋەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئىسلامچى تېررورچىلارغا ئارتسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى كەمسىتىش، ئۇيغۇر دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى كونترول قىلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى بۇنىڭدىن 2 ئاي ئاۋۋال ئاقسۇ سوغان كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا گوتىيىرنىڭ رەددىيەسىگە ئۇچرىغان ئىدى.
چارشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمدا 31 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن. ھۇجۇمنى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تېررورلۇق گۇرۇھ - «دائىش» ئۆزىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.