بو شىلەينىڭ قوللىغۇچىلىرى يېڭى پارتىيە قۇردى


مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان سابىق خىتاي كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەينىڭ ئەگەشكۈچىلىرى «جۇڭگو ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش پارتىيىسى» دەپ ئاتالغان بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىن ئېچىلىش ھارپىسىدا مەيدانغا كەلگەن مەزكۇر پارتىيە بو شىلەينى مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئۆمۈرلۈك رەئىسى دەپ ئېلان قىلغانلىقى ھەمدە بۇ نۇقتىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ پارتىيىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ۋە ئۇنى ئېلان قىلغۇچى، بېيجىڭ كادىرلار ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دوتسېنتى ۋاڭ جىڭ بولۇپ، ئۇ بو شىلەينى ئاشكارا قوللاش بىلەن نام چىقارغان ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ۋاڭ جىڭ بۇ پارتىيىنىڭ قۇرۇلغانلىق ئۇچۇرىنى پوچتا ئارقىلىق جۇڭگودىكى باشقا 8 پارتىيە ئورگىنى ۋە خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەۋەتكەنلىكى، ھەتتا تۈرمە دائىرىلىرى ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرنى بو شىلەيگە ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھازىرغىچە، ۋاڭ جىڭنىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قانداق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقى نامەلۇم، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ قورقمايدىغانلىقى، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ رىئايە قىلىشنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.