خىتاينىڭ بۇددىزم مەدەنىيىتىنى جانلاندۇرىدىغان «كۈسەن مەدەنىيەت بايرىمى» ئۆتكۈزۈلگەن

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 17-ئىيۇن كۈنى چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە « 19-نۆۋەتلىك دولان، كۈسەن مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ۋە 2-نۆۋەتلىك كۈسەن مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ مۇراسىمغا ئىچكىرى خىتايدىكى داڭلىق ناخشىچىلار، نىڭبو شەھىرى ۋە كۇچانىڭ يەرلىك سەنئەتچىلىرى قاتناشقان. بۇ پائالىيەتتە دولان ناخشا-ئۇسسۇللىرى، كۇچا سەنىمى، «كۈسەن قىزى» ناملىق بۇددا ئۇسسۇلى بىلەن بىرلىكتە خىتاي نەغمىلىرى ئاساسىدا «يىپەك يولىدا كۈسەن» ناملىق چوڭ تىپتىكى تىياتىر ئوينالغان ۋە ئۇنىڭغا خىتاي بىلەن باغلانغان قويۇق بۇددىزىم ئۇسلۇبى سىڭدۈرۈلگەن.

كۇچا پارتكوم سېكرىتارى پاڭ شيۇچى بۇ پائالىيەتنى كۇچانىڭ «ئەڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرىمى ۋە سىرتقى دۇنياغا ئۆزىنى نامايان قىلىش سەھنىسى» دەپ ئاتىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش» شوئارى ئاستىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇنى «مۇستەملىكىچىلىكنىڭ يېڭى باسقۇچى» دەپ چۈشەندۈرگەنىدى.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تارىخچى ۋە ئارخىئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ مەدەنىيەت ئىزلىرىنى خىتاي تارىخىغا باغلاپ چۈشەندۈرسە، بىر ياقتىن خىتاي مەدەنىيىتىگە يېقىن نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يىلتىزىنىڭ بىر تۇتاش ئىكەنلىكىنى» تەشۋىق قىلىدىكەن.