خىتايدىكى قارىغۇلارچە كېڭەيتىلگەن سانائەتلەشتۈرۈش تېرىلغۇ يەرلەرنى بۇلغاپ بولغان
2013.07.27
خىتايدا ئوتكەن 30 يىلدىن بۇيان قارىغۇلارچە كېڭەيتىلگەن سانائەتلەشتۈرۈش ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كۆپىنچە تېرىلغۇ يەرلەرنى بۇلغاپ بولغان.
«ۋال سترىت ژۇرنىلى» دا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر تەپسىلىي خەۋەردە، بۇ خىل تېرىلغۇ يەرلەر «ئېكولوگىيىلىك بالايىئاپەت بەلۋېغى» دەپ ئاتالغان. خەۋەردە يەنە، بۇ خىل تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ خىتاينىڭ ئاشلىق تەمىناتىغا تەھدىت سېلىپلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي ئورنىغىمۇ تەھدىت يارىتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ داپۇ يېزىسىدىكى بىر دېھقان ئۆزى تېرىغان گۈرۈچلەرنى زەھەرلىنىپ قېلىشتىن قورۇپ يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چۈنكى مەزكۇر يېزىدىكى گۈرۈچلەر يېقىن ئەتراپتىكى خىمىيە زاۋۇتى چىقارغان كېرەكسىز سۇلاردا سۇغۇرۇلىدىكەن.
بۇ زاۋۇت ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدا بولغاچقا دېھقانلار گەپ قىلالمىغان.
خىتايدا بۇ خىل ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، خۇنەندىكى داپۇ يېزىسى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر مىسال ئىكەن.
خەۋەردە تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە خىتايدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ 20 پىرسەنتى زەھەرلىك مېتاللار بىلەن بۇلغانغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىمىيىلىك ئوغۇت قالدۇقلىرىدا بۇلغانغان.
مەزكۇر ئەھۋال نۆۋەتتە خىتايدا غايەت زور سالامەتلىك مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەن.