ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ئېلان قىلغان شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقى خەرىتىسى، ياپونىيە، ۋېيتنام،فىلىپپىن،ئاۋسترالىيە قاتارلىق خىتاي بىلەن دېڭىز ئارقىلىق چېگرالىنىدىغان دۆلەتلەرنى نارازى قىلدى.
شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيە،ۋېيتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن 26-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىمۇ نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلدى.
ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بىشۇپ خانىم نارازىلىق باياناتىدا، «خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقى سىزىقىنى بەلگىلىشى، رايون مۇقىملىقىغا پايدىسىز» دېدى. بىشۇپ خانىم يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ،ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئىزاھات بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆز تور بېتىدە ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە رايونى خەرىتىسىدە، شەرقىي دېڭىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە نۆۋەتتە ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىنى خىتاي ھاۋا ئارمىيىسى قوغدايدىغان بەلۋاغ ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شەنبە كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئاراللىرىنى ئۆزىنىڭ دېڭىز مۇداپىئە رايونى خەرىتىسىگە كىرگۈزۈشى مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.