خىتاي 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرىدىن 25 كىشىنى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى رەت قىلىپ، چەتئەلگە «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تە يەنە بىر قېتىملىق دىپلوماتىك ھۇجۇمغا ئۆتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋە دىپلوماتلىرىدىن 25 كىشىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەشكىللىگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بۇ زىيارەت ئۆمىكىنىڭ دومىنىكا، بىرما، ئىران، پاكىستان قاتارلىق 25 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەردە زىيارەتتە بولۇپ، «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا نەق مەيداندا شاھىت بولغانلىقى» تەكىتلەنگەن.

بۇ زىيارەت خىتاينىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ يىل 5-ئايدىن بېرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، غەربنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى تۆھمەتلىرى» گە قارىتا قوزغىغان «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر پەللىسى، دەپ قارالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ۋە دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە تەشكىللىگەن.

يېقىندا خىتاي يەنە ئارقا-ئارقىدىن ئەرەب ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى، پاكىستان دىنىي ۋەكىللەر ئۆمىكى، تۈركىيە ۋە باڭلادىش ئاخبارات ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى زىيارەتكە تەشكىللىگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم 25 دۆلەت باش ئەلچىلىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 31-ئىيۇلدىن 4-ئاۋغۇستقىچە ئېلىپ بارغان رايوندىكى 5 كۈنلۈك زىيارىتىدە، ئۈرۈمچىدىكى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش كۆرگەزمىسى» ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ھېيتگاھ جامەسى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجسىز رايونى» قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولغان. زىيارەت جەريانىدا پاكىستان دىپلوماتى ئىجاز ئاخمەت شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا: «بىز خىتاي بىلەن داۋاملىق زىچ ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇققا ئورتاق زەربە بېرىمىز» دېگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل زىيارەت پائالىيەتلىرى «يۇقىرى سەۋىيەدە پەردازلانغان» ئىكەن. خىتاي ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.