خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ۋە پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ باھالانغان سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن «شىنجاڭغا دائىر گۈزەل ھېكايىلەرنى سۆزلەش» نامىدىكى تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن ئىدى. يېقىندا، خىتايدىكى مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى (中国侨联) ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقات ھەرىكىتىدىن يەنە بىرنى باشلىغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، «ئارزۇ قوغلاشقان خىتاي، گۈزەل شىنجاڭ» دەپ نام بېرىلگەن بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتى بويىچە، چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى ئاقسۇ بولغان.
بۇ، خىتاي مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ نۇقتىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردىكى خىتاي تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ 3- قېتىملىقى ئىكەن. شىنخۇا تورىنىڭ دېيىشىچە، 10 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يەتتە كۈنلۈك سەپەر جەريانىدا ئاقسۇ، بايىنغولىن ئوبلاستى، ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، «شىنجاڭنىڭ گۈزەل ھېكايىسىنى سۆزلەيدىكەن ۋە ئاڭلىتىدىكەن».
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى، «ھەر مىللەتنىڭ تىنچ، بەختلىك» ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنى ئاشۇرغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى ھەقىقەتنى ئاشكارىلاپ كەلمەكتە. راھىلە داۋۇتنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا مەھكۇم قىلىنىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ خىتايدىكى بېلىقچىلىق ۋە كان مەھسۇلاتلىرى ساھەسىدىمۇ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدەك ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ئەنە شۇنداق تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە دۇنيانىڭ دىققىتىگە سۇنۇلماقتا.