جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى بىرى قىسىم كىشىلەرنىڭ چېگرا سىرتىدىكى جىھادچى گۇرۇپپىلارغا قوشۇلۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى مۇتەخەسسىس يې خەيلىن ئاتالمىش «ئۇچ خىل كۈچلەر» يەنى «بۆلگۈنچى»، «دىنىي ئەسەبىيچى» ۋە «تېررورچىلار» نىڭ يانفون ۋە ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ خىتاي ئىچىدە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يې خەيلىن يەنە بەزى تېررورچى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ خىتاي چېگراسىدىن ئۆتۈپ، چەتئەللەردىكى جىھادچى گۇرۇپپىلارغا قوشۇلۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش بىخەتەرلىك خادىمى كىمنىڭ، قاچان، قەيەردىكى چېگرادىن ئۆتۈپ، قايسى دۆلەتتىكى تېررورچىلارغا قوشۇلماقچى بولغانلىقىنى تەپسىلىي كۆرسەتمىگەن.
ئۆتكەن يىلى خىتاي دائىرىلىرى قاغىلىقتا 7 ئۇيغۇرنىڭ چېگرادىن قاچماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئايال ۋە كىچىك بالىلارنىڭمۇ بولۇشى خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلار قاراتقان باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
