خىتاي ساقچى دائىرىلىرى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان جياڭشىلىق ئايال كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ليۇ پىڭنى قولغا ئېلىپ، ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
ليۇ پىڭ ئىلگىرى مۇستەقىل نامزاتلىق سالاھىيىتى بىلەن جياڭشى ئۆلكىسى شىنۇي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى سايلىمىغا قاتناشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى سەيشەنبە كۈنى شىنيۇي شەھەرلىك قاماقخانىغا بېرىپ، ليۇ پىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق قاماقخانا دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
ليۇ پىڭ قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتناشقان پائالىيەتچىلەردىن ئاز دېگەندە 10 كىشى قولغا ئېلىنغان. ليۇ پىڭنىڭ ئادۋوكاتى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، دائىرىلەرنىڭ ليۇ پىڭنى ھاكىمىيەتكە قارشى ئاغدۇرمىچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنى دائىم ھاكىمىيەتكە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق ۋە ئاغدۇرمىچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇپ كەلگەن.