خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى «مەركەز» لىك ئورنى يوقىلىشقا يۈزلەنمەكتە
2022.12.06
ئىزچىل تۈردە «دۇنيانىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك بازىرى» دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ ساھەدە «مەركەز» بولۇشتەك «سالاھىيىتى» يېقىنقى مەزگىللەردە تەدرىجىي يوقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
Axios تورىنىڭ 5-دېكابىردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا دۇنيا ئىقتىساد ساھەسى زور دەرىجىدە خىتايدىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە بېقىنىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن نۆۋەتتە بۇ ھال ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغان. جۈملىدىن «ئالما» شىركىتى ئاللىقاچان بىر قىسىم مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى خىتايدىن ھىندىستانغا كۆچۈرۈپ بولغان. شۇ قاتاردا خىتاينىڭ دۇنيا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان ئۆي جابدۇقلىرى، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ساھەلەردىكى مەھسۇلاتلىرىمۇ 2016-يىلىدىن تارتىپ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەشكە باشلىغان. بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى بولسا مېكسىكا، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر تولدۇرۇشقا باشلىغان. بۇ ساھەدىكى خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەردىن كاترىنا شېدلېتسكى (Katrina Shedletsky) مۇخبىرلارغا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ «ھازىر ھەممىلا شىركەت كۆچۈشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، ھەتتا تېخىچە كۆچۈشكە دائىر بىرەر ھەرىكەتتە بولمىغانلارمۇ شۇ خىيالدا» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى شېففېيىل خاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋرا مۇرفىي (Laura Murphy) باشچىلىقىدىكى گۇرۇپپا شۇ كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئاپتوموبىل سانائىتىدىكى پولات، ئاليۇمىن ۋەتەپسىلىيھسۇلاتلىرى، شۇنىڭدەك باتارىيە ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ئىشلىنىۋاتقانلىقى تەپسىلى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن «ئاپتوموبىل ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى» (UAW) تېزدىن دۇنيا ئاپتوموبىل ساھەسىنى بۇ خىلدىكى «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» دىن ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق بولغان تەمىنلەش زەنجىرىدىن يىراق بولۇشقا چاقىرغان.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مېخانىك ھالدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى بۇ خىل «كۆچۈش» تىكى بىر مۇھىم سەۋەب بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەر ۋە سودا دۇنياسىنىڭ سەركىلىرى خىتاينىڭ دۇنياۋى سىياسىي-جۇغراپىيە ساھەسىدە تۇتقان ئورنىنىڭ «خەتەر» گە بەكرەك يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى غەيرىيلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەمگەك كۈچىنىڭ قىممەتلەپ كېتىشىنى قوبۇل قىلالمىغان. تېخىمۇ مۇھىمى خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىنى دۈشمەن، دەپ قارىشى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسىدە «تارىخنىڭ خاتا تەرىپىدە تۇرۇشنى تاللىشى» بۇ خىل «كۆچۈش» تىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، دەپ قارىلىشقا باشلىغان.