«خىتاي دىگىتال ۋاقتى» گېزىتى: «دوتسېنت ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى تۇتقۇن قىلىنغان»

ئامېرىكىدىكى «خىتاي دىگىتال ۋاقتى» گېزىتىدە تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە شائىرى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى ھەققىدە ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەزكۇر ماقالە ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدە ئوقۇغۇۋاتقان ۋاقتىدىكى دوستى، خىتاي ئۆكتىچى شائىرى ۋە يازغۇچىسى تاڭ دەنخوڭ تەرىپىدىن يېزىلغان.

تاڭ دەنخوڭ ماقالىسىدە ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى بىلەن تونۇشۇش جەريانى، ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتى، ئۇنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىرى، ئىجادىيىتى، ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ئىجتىمائىي تېمىلاردا ئېلىپ بارغان پىكىر ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. شۇنىڭدەك يەنە ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ ئىسرائىلىيە ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور نىمرود بارانوۋىچنى زىيارەت قىلغان.

پروفېسسور بارانوۋىچ ئۆزىنىڭ ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى بىلەن بولغان دوستلۇقى، ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ۋە ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىراتى قاتارلىقلار ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ ئۆزىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇنىڭ ئانالىز قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش ئىقتىدارى مېنىڭدە بەكمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى» دېگەن.

ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى 2014‏-يىلدىن 2016‏-يىلغىچە ھايفا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىدە دوكتورئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2016‏-يىلى 9‏-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن ئىكەن. تاڭ دەنخوڭ ئۇنىڭ 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، لېكىن تۇتقۇن قىلىنغان كونكرېت ۋاقتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆتكەن يىلى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان. ئەمما بۇ خەۋەرلەر ھازىرغا قەدەر دەلىللەنمىگەن ئىدى.

تاڭ دەنخوڭ ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن فېيسبۇكنىڭ ئالاقە سۇپىسى بولغان «مەسېنجېر» دە ئالاقىلەشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىپ باقمىغان ئىكەن.

ئۇ ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېردا قامالغانلىقىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.