خىتايدا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى يۈ ۋېنشىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن رەسمىي ئەيىبلەنگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئۆتكەن شەنبە كۈنى يۈ ۋېنشىڭنىڭ ئايالىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ رەسمىي ئەيىبلەنگەنلىكى، ئۇنىڭ شۈجوۋ ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى ئىنتايىن مۈجمەل بىر ئۇقۇم بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشتا بۇ ئۇقۇمنى كەڭ قوللىنىپ كەلگەن.
يۈ ۋېنشىڭ 19-يانۋار كۈنى بېيجىڭدا 13 ياشلىق ئوغلىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئاپتوموبىلدا ساقلاپ ئولتۇرغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئوپۇل-توپۇل تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ تۇتقۇن قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن توردا پىكرى يېزىپ، «بىر دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى خەلق تەرىپىدىن سايلانمىسا، ئۇنىڭ مەيلى خىتايدا مەيلى دۇنيادا مەيلى خەلق ئىچىدە ھېچقانداق ئىناۋىتى بولمايدۇ» دېگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، يۈ ۋېنشىڭ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيى ۋە ئىشخانىسىنى ئاختۇرۇپ، كومپيۇتېر، قول تېلېفونى ۋە نۇرغۇن ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كەتكەن. دائىرىلەر يەنە يۈ ۋېن شىڭنىڭ ئايالىنى شى جىڭشەن ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ بېرىپ، سوراق قىلغان ۋە بىر كېچە سولاپ قويۇپ، ئەتىسى قويۇپ بەرگەن.
يۈ ۋېنشىڭ بۇرۇن 2 قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ھەر ئىككى قېتىمدا قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن، بۇ قېتىم ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يۈ ۋېنشىڭنىڭ «تەن جازاسى ياكى باشقا قوپال مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.