چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك جەمئىيەتلىرى خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلىدى


20 - نويابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە چەتئەللەردىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتىك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى جەم بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 80 - يىللاردىكى رەھبىرى خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى «خۇ ياۋباڭ ۋە جاۋ زىياڭنى خاتىرىلەش فوندى جەمئىيىتى» دەپ ئاتالغان بىر ئورۇن تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇنى يەنە «بېيجىڭ باھارى»جۇرنىلى تەھرىراتى، «خىتاي دېموكراتىك پارىيەسى كومىتېتى»،«نيۇيورك مۇنبىرى» قاتارلىق ئورۇنلار قوللىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېموكراتىك ئۆكتىچىلىرىنىڭ نىيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىندا يۇقىرىدا نامى قەيت قىلىنغان جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە چەتئەلدە ياشايدىغان بىر قىسىم تونۇلغان خىتاي سىياسىي ۋەزىيەت مۇتەخخەسىسلىرىدىن خۇ پىڭ، ۋاڭ جۈنتاۋ ۋە باشقىلارمۇ پىكىر بايان قىلغان.

نىيوروكتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ ئاساسلىق مۇھاكىمە تېمىسى خۇ ياۋباڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ھوقۇقتىن چۈشۈرۈلۈش سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ 1989 - يىلىدىكى بېيجىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، خۇ ياۋباڭنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتچىلىق قارىشى ۋە پوزىتسىيەسى، شۇنىڭدەك يەنە ھازىرقى خىتاي كومپارتىيەسى رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ تۇتقان يولى ۋە كەلگۈسى سىياسىي يۆنىلىشلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قارىتىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر خۇ ياۋباڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى ئىچىدە ئىسلاھاتچىلىق خاھىشى كۈچلۈكرەك، جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىغا قارىتىلغان سىياسەتتىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان شەخس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،20 - نويابىر كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىمۇ بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا خۇ ياۋباڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، خۇ ياۋباڭنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ،ئۇنىڭ «ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتقا زور تۆھپە قوشقانلىقى»نى تەكىتلىگەن.

يىغىنغا سىياسىي بىيورونىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان.