تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا قاتناشقان بىر خىتاي دېموكراتچى خىتاينىڭ جاسۇسى بولۇپ چىققان
2024.08.22
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا نيۇ-يوركتا ياشاۋاتقان بىر خىتاي دېموكراتچىنى كوممۇنىست خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
«ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بەرگەن بۇ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تاڭ يۈەنجۈن ئىسىملىك بۇ خىتاينى 2018-يىلدىن 2023-يىلغىچە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاھىدە جاسۇسى بولۇپ ئىشلىگەنلىكى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) غا ساختا مەلۇمات يوللىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەيىبنامىدە ئېيتىلىشىچە، تاڭ يۈەنجۈن ئامېرىكادا تۇرۇپ خىتايغا زىيان يەتكۈزىدىغان شەخس ۋە كوللېكتىپ تەشكىلاتنىڭ ئۇچۇرلىرىنى، جۈملىدىن خىتاي دېموكراتچىلىرى ۋە كوممۇنىست خىتايغا قارشى شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتاي خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا يەتكۈزگەن. ئۇ ئالاھىدە ئېلخەت ئادرېسى، شىفىرلىق تور سۆھبىتى، قىسقا ئۇچۇر، ئۈن-سىنلىق پاراڭلىشىش قاتارلىق يوللار بىلەن خىتايغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن. بىر قېتىم ئۇ ئۆزى قوللىنىپ كەلگەن ئېلخەت ئادرېسىنى قايتا تاپالمىغانلىقىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئىدارىسىگە بىلدۈرۈپ قويۇپ، ئۆز تۇمشۇقىدىن ئېلىنغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن تاڭ يۈەنجۈن 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا قاتناشقان ئاكتىپ پائالىيەتچى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن تۇتۇلۇپ 20 يىللىق كېسىلگەن، تۈرمىدە 8 يىل يېتىپ چىققاندىن كېيىن ئامېرىكاغا قېچىپ كەلگەنىكەن. ئۇ ئامېرىكادىن پاناھلىق تىلەپ ئامېرىكا پۇقراسى بولغاندىن كېيىن، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتىدىن بىرىگە رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ كەلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى خىتايغا قەرەللىك مەلۇم قىلىپ تۇرغان.
خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.