بۈگۈن دانىيەلىك تەتقىقاتچى ليۇك پاتېي (Luke Patey) «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ، جۈملىدىن «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە بېسىۋاتقان قەدەملىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي خەلقئارا سودىدا ياۋروپانىڭ ئەركىن بازار سىستېمىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ ئۆز ئىقتىسادىنى كۈچلەندۈرسە، بۇ كۈچىنى ئۆزلىرى تەھدىت دەپ قاراۋاتقان دېموكراتىيە بىلەن ئەركىنلىكىنى بوغۇش ۋە تۇنجۇقتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە.
ئۇ ماقالىسىدە دۆلەت ھىمايىسىدىكى خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدە سام داستيارىغا ئوخشاش سىياسەتچىلەرنى ئۈندەككە كەلتۈرۈپ ئاۋسترالىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى، ئالما شىركىتى قاتارلىق خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ خىتاينىڭ نازارەتچىلىك تەلىپىگە بويۇن ئەگكەنلىكى قاتارلىق مىساللارنى تىلغا ئالدى.
ليۇك پاتېينىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، خىتاي ئۆز بازىرىدا چەتئەل شىركەتلىرىنى چەتكە قېقىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلىماقتىكەن. ماقالىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئەمدىلەتىن «ئىستراتېگىيىلىك رەقىب» دەپ تونۇغانلىقىنى، ئەمما تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەھدىتنى خېلى بۇرۇنلا ھېس قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماقالىدا يەنە ئارگېنتىنانىڭ خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ھىدرو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنى توختىتىشى، خىتاي قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ ئافرىقىدا يەرلىك ئىشچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشىشى، پاكىستان ۋە نېپالدىمۇ بىر قىسىم خىتاي قۇرۇلۇش پىلانلىرىنىڭ رەت قىلىنىشى قاتارلىق ھادىسىلەر ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن. ئۇ يەنە دىكتاتور دۆلەتلەر بىلەن ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەر ئارىسىدا دوستلۇق بەرپا قىلىشنىڭ قېيىنلىقى ۋە بەدىلىنىڭ ئېغىرلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە خىتاي تەرەپنىڭ مەۋجۇت پىلان ۋە تەدبىرلىرى بىلەن دۇنيادا ئۇلۇغ كۈچكە ئايلىنىش چۈشىنىڭ رېئاللىققا ئايلانمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.