ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېڭى تىپتىكى دېڭىز قوغداش ئەترىتى كېمىلىرى ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىگە يېقىنلاشقان. بۇ، شۇ خىلدىكى خىتاي كېمىلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا تۇنجى قېتىم بايقىلىش ئىكەن.
ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم ياپونىيە باشقۇرۇشىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىنلاشقان خىتاي كېمىلىرى 4 كە يېتىدىكەن.
خىتاينىڭ يېڭى دېڭىز قوغداش ئەترىتى دۈشەنبە كۈنى بېلىقچىلىق، دېڭىز تەكشۈرۈش، دېڭىز تاموژنىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قايتا تەشكىللىگەن ۋە ۋەزىپە تاپشۇرۇلۇۋالغان ئىدى.
يېڭى تەشكىللىگەن دېڭىز قوغداش ئەترىتىگە يېنىك تىپتىكى توپ ۋە ئېغىر تىپتىكى پىلىموتلار بىلەن قوراللانغان پاراخوتلار سەپلەپ بېرىلگەن.
ياپونىيە تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ كېمىلىرى ئۆتكەن 8 كۈندىن بۇيان سېنكاكۇ تەۋەلىكىدە كۆزگە چېلىقىشقا باشلىغان.
ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ئۆتكەن يىلى توكيو شەھىرى سېنكاكۇ ئارىلىنى شەخسىيلەرنىڭ قولىدىن سېتىۋالغاندىن كېيىن، ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ جىددىيلەشكەن ئىدى.