«فوربېس» ژۇرنىلى: خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشقا ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولىدۇ

«فوربېس» ژۇرنىلى 25-ئاۋغۇست كۈنى لورېن تومپسون ئىمزاسىدىكى بىر ئانالىزچىنىڭ «خىتاينىڭ ئامېرىكادەك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشقا ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولىدۇ» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ماقالىدە، خىتاينىڭ 2035-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشىش، 2049-يىلغا بارغاندا ئامېرىكادىن ئېشىپ كېتىش خام خىيالىنىڭ ئاسانلىقچە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى پاكىتلىرى بىلەن كۆرسەتكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ 4 پىرسەنتىنى، ئىقتىسادى بولسا دۇنيا ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) نىڭ 25 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن؛ خىتاينىڭ نوپۇسى بولسا دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى، ئىقتىسادى دۇنيا ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 18 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. خىتاي گەرچە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولسىمۇ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 13 مىڭ دوللار بولۇپ، دۇنيا بويىچە 64-ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئامېرىكانىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 76 مىڭ دوللار بولۇپ، پۇقرالىرىنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى يۇقىرى دۆلەتلەردىن ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ھازىر چۆكۈۋاتقان بولۇپ، «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» 20-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ھەقتە «خىتاينىڭ 40 يىللىق گۈللىنىشى ئاخىرلاشتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىككى-ئۈچ پىرسەنتكە چۈشۈپ قالىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى ئامېرىكاغا يەتمەيدىكەن، خىتاي ئەسكەرلىرىمۇ 1979-يىلدىكى ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن بۇيان جەڭ قىلىپ باقمىغان بولۇپ، ئۇرۇش تەجرىبىسى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە يەتمەيدىكەن. خىتاي دىپلوماتىيە جەھەتتىن زەربىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا سەۋەب بولغىنى خىتاينىڭ «چىل بۆرە دىپلوماتىيەسى» ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ئىكەن.

خىتاي يەنە پەن-تېخنىكا جەھەتتىنمۇ ئارقىدا قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ ئەمەس، ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە تايىنىپ گۈللەنگەن. خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى بىراقلا تۆۋەنلەۋاتقان، قېرىلىشىش سۈرئىتى تېزلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا خىتايدىكى قېرىلارنى بېقىش ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلىنىدىكەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى مەسىلە كۆپ ھەم ئېغىر. ئاقساراينىڭ ئاقىلانە سىياسەتلىرى داۋاملاشقان مۇددەتچە، دىكتاتورلۇق قان-قېنىغا ئورناپ كەتكەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكادىن ئۆتۈپ كېتىشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭغا تەڭلىشەلىشىمۇ ناتايىن.