خىتاي تاشقىي سىياسەتتىكى «ئۇرۇشقاق بۆرە» دىپلوماتىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، يۇمشاشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.01.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان ۋە ئ‍ىقتىسادى ناچارلىشىشقا قاراپ ماڭغان خىتاي، ئۆزىنىڭ «ئۇرۇشقاق بۆرە» دىپلوماتىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، تاشقىي سىياسەتتە يۇمشاق دىپلوماتىك تىل قوللىنىشقا، ئ‍ىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋەدىسى بېرىشكە باشلىغان. «پولىتىكا» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ليۇ خې بۇ ھەپتە شىۋىتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە يەر شارى سىياسىي ۋە سودا سەرخىللىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، تېخىمۇ يۇمشاق ۋە دوستانە ئىپادىدە بولغان.

خەۋەردە، ليۇ خېنىڭ «خىتاينىڭ رېئاللىقى دۇنياغا ئېچىۋېتىشنىڭ بىر ۋاستە ئەمەس، بىر زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. بىز تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشىمىز ۋە بۇنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

لېكىن «پولىتىكا» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، غەرب ئەمەلدارلىرى بۇ سىگنالغا دىققەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بۇنىڭ ماھىيەتلىك بىر ئۆزگىرىشنىڭ ئىپادىسىدىن بەكرەك دىپلوماتىك يالتىراق بولۇشىدىن گۇمان قىلماقتا ئىكەن. خەۋەردە غەرب ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىگنالىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئ‍ىزچىل كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەھدىتىگە يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ھەركىتى ئۇنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى «ئۇرۇشقاق بۆرە» دىپلوماتىيەسى، تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي تەھدىتى، ھىندى-تىنچ ئوكران رايونىدىكى ئۇرۇشقاق ھەربىي مۇداخىلىسى، ئ‍ىقتىسادىي زورلاش، يۇقىرى تېخنىكىلىق جاسۇسلىق ھەركىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنى تولۇقلاشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەردە، خىتاي تاشقىي سىياساسەتتە يۇمشاق سىگنال بېرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ھەركىتى بىلەن سۆزىنىڭ بىردەك بولماسلىقى ئۇنىڭ نىيىتىگە گۇمەن پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا يەنىلا رۇسىيەگە يېقىن تۇرۇشى، خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تەيۋەنگە قەرەللىك تەھدىت سېلىشى، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك دەلىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنى داۋاملىق ئىنكار قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇنىڭ نىيىتىگە سۇئال قويماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.