«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 21-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى 20-ئۆكتەبىر «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، «بۇنىڭدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنى مۇلازىمەتنى نىشان قىلغان ئىش ئورنىغا تەشكىللىك ھالدا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېيىلگەن.
خەۋەردە يەنە، غەرب ئەللىرىدىكى بەزى ئەقىل ئامبىرى ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ-كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بار دېگەن دوكلاتى ھەمدە بەزى سىياسىيونلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىغا قارشى ھالدا شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھېچقانداق جايدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارغا «ئىشلەش، كەسىپ تاللاش، ئىگىلىك تىكلەش ئەركىنلىكى» بەرگەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان.
بۇ دوكلاتتا يەنە بەزى سانلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، «2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە شىنجاڭدا كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەنگەنلەر 6 مىليون 957 مىڭ ئادەم قېتىمغا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر 379مىڭ 400 ئادەمگە يەتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن شىنجاڭدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن رايون ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 16مىليون 570 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى» دېيىلگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ «تەكشۈرۈش دوكلاتى» دىكى سانلىق مەلۇماتتا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭ توغرىلىقىنى ئۈچىنچى تەرەپ ئىسپاتلىيالمايدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. خىتاي ھەر دائىم ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئۆزى ئاقلاپ، ھەتتا ئۇنى «ئىلمىي پاكىت» بىلەن نىقاپلاشقا ئۇستا. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ دوكلات ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خىتايغا خەلقئارادىن، بولۇپمۇ ئامېرىكادىن بېسىم بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئامېرىكادا ماقۇللىنىش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا قارشى ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان تەشۋىقاتتىن ئىبارەت.