خىتاي دۆلەتنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىش باھانىسى بىلەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن

خىتايدا بىر قانچە قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى قەتلىئام ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى بېسىقىتۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپلەردىكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈپلا قالماستىن قاۋاقخانىلار ۋە ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» (New York Times) نىڭ 16-يانۋاردىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردا كۆپىيىپ قالغان ئاممىۋى قەتلىئام ۋەقەلىرىنىڭ جەمئىيەتكە سالغان قورقۇنچىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، خەتەرلىك ئادەملەرنى «يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش» ۋە جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاغان مەزگىلىدە جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا قائىدە نىزاملارنى ئېلان قىلىدىغانلىقى مەلۇم. لېكىن بۇ يىلى خىتايدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق توغرىسىدىكى كۆرسەتمىلەر تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان. خىتاي ج خ ئورۇنلىرى مەكتەپ ھويلىلىرى ۋە تەنتەربىيە مەيدانلىرى قاتارلىق يەرلەرنى نۇقتىلىق كۆزىتىش ئوبيېكتى قىلىپ تاللاپ، خەلقنى نازارەت قىلىشقا ۋە «ئاكتىپ يېتەكچىلىك» قىلىشقا چاقىرغان.

ھالبۇكى، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بولغان «ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى ئاممىۋى قارشىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى مەبلەغ سالغۇچى كىشىلەرنىڭ زىيان تارتىشى ياكى كىشىلەرنىڭ مائاشىنىڭ بېرىلمەسلىكى قاتارلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاممىۋى نامايىشلار 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، بىر يىل بۇرۇنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18 ھەسسە ئاشقان.