2018‏-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلەت شېئىرى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلىنىش خەۋپى چوڭايغان

بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئادۋوكاتلار تور بېتىدە «12 خىل ئىشنى قىلغانلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقى» ھەققىدە بىر ئاگاھلاندۇرۇش يازمىسى ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر يازمىدا نامۇۋاپىق ئەرز-شىكايەت قىلىشتىن تارتىپ دۆلەت شېئىرىنى ئۆزگەرتىپ ئوقۇشقىچە بولغان بىر قاتار ئاتالمىش «جىنايەتلەر» ساناپ ئۆتۈلگەن. يازمىدا تىلغا ئېلىنغان جىنايەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئېنىق بىر ئۆلچىمى شەرھلەنمىگەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر يازمىدا تىلغا ئېلىنغان «جىنايەت» ئۆلچەملىرىدىكى بۇ ئېنىقسىزلىققا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ 2018‏-يىلىدا خىتاي دۆلەت شېئىرى سەۋەبلىك تۈرمىگە كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يەنىمۇ چوڭىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايچە شېئىرىي تىلنى چۈشىنىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكى، بولۇپمۇ يات تىلدا، يەنى خىتايچە يادلاشنىڭ قېيىنلىقى سەۋەبلىك يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلەت شېئىرىنى ئەينەن يادلاپ بېرەلىشى تولىمۇ قېيىن بىر ئىش ئىكەن. بۇ ئۆتكەل يېزىلاردا ئادەم جازالاشتا سان تولدۇرالمايۋاتقان يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە خادىملار ئۈچۈن ياخشى بىر ۋەزىپە ئورۇنداش پۇرسىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئادۋوكاتلار تورىدىكى مەزكۇر يازمىدا دېيىلىشىچە، خىتاي دۆلەت شېئىرىنى ئۆزگەرتىپ ئوقۇغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن. نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى زۇمرەت خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، 28‏-يانۋار كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش ۋەقەسىنى، «2018‏-يىلى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن يېڭى بىر خەۋپنىڭ ئىشارىتى ۋە ئىسپاتى، » دەپ كۆرسەتتى. مەزكۇر ۋەقەدە ئۈچ پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولغان تۇرسۇن ئابلەت خىتاي دۆلەت شېئىرىنى يادلاشتا قىينالغانلىقى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان ئىدى.