خىتايدا غايەت زور كۆلەملىك ۋىرۇس ۋاباسى يامرايدىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن بۇيان قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى قاتارلىق دورىلارنىڭ باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆرلەپلا قالماستىن پۈتكۈل خىتايدىكى دورىخانىلاردا «قۇرۇپ كەتكەن».
بۇنىڭ بىلەن خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى خىتايلار بەس-بەستە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىن بۇ خىلدىكى دورىلارنى سېتىۋېلىپ خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە دوستلىرىغا ئەۋەتىشكە باشلىغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى مىليونلىغان كىشىلەر زۇكام دورىسىدىن تارتىپ قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىغىچە بولغان دورىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا تېخى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە «ۋىرۇسنىڭ نۆلگە چۈشكەنلىكى» ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن پۇقرالار ئارىسىدا يېتەرلىك تەييارلىقمۇ بولمىغان. ئەمدىلىكتە بولسا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «يېڭى ۋىرۇس ۋاباسىنى كونترول قىلىش قىيىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر بولۇشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرى ئاشكارا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ خىل قورقۇنچ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالغان. دىئانا يې (Diane Ye) ئىسىملىك بىر خىتاي ياش مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، ئەمما دوختۇرخانا سىرتىدا بىرنەچچە سائەت ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرغاندىن كېيىن دوختۇرلارنىڭ «قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى تۈگەپ كەتتى» دېگەن سەۋەب بىلەن ئۆيگە قايتىشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 7-دېكابىردا قامال سىياسەتلىرىنى بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان جەمئىي يەتتە كىشىنىڭ ۋىرۇستىن ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلار ئەمەلىي ساننىڭ بۇ ساندىن مۇتلەق كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. يەنە كېلىپ دۇنيا بويىچە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى، زۇكام دورىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۈچتىن بىرى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولسىمۇ ئېھتىياجنىڭ بىردىنلا غايەت زور دەرىجىدە ئېشىشى تۈپەيلىدىن بۇ دورىلارنى پۇل خەجلەپمۇ تاپقىلى بولماس بولۇپ كەتكەن. بېيجىڭدىكى بىر دورىخانىدا ئىشلەيدىغان جاڭ فامىلىلىك بىر خىتاي «قامالنى بوشىتىدىغان ئادەم بۇنى بالدۇرراق دېمەمدۇ؟ بۇنداق تۇيۇقسىز قامالنى بىكار قىلىش تۈپەيلىدىن ھېچكىممۇ تەييارلىق قىلىپ ئۈلگۈرەلمىگەن» دېگەن.