خىتاينىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى
2023.05.23
خىتاينىڭ تۆت ئايدىن بېرى بوش قالغان ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ئورنىغا خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى شيې فېڭ تەيىنلەنگەن. «پولىتىكو» گېزىتىنىڭ 22-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ، ئىمكانسىز دەۋردە تۇرغان بىر ۋاقىتتا بۇ ۋەزىپىگە قويۇلغان شيې فېڭ 23-ماي سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىدىكەن. خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى چىن گاڭ بۇ يىل 1-ئايدا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، بۇ يىل 3-ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەندىن بېرى، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئورنى بوش قالغان.
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەت ھېسابلانسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ 4 ئايدىن بېرى ۋاشىنگتونغا باش ئەلچى ئەۋەتمەسلىكى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك ئۆتكۈر ھەم ناچارلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارالغان. لېكىن «پولىتىكو» گېزىتى شيې فېڭنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «ئېرىشى» مۇمكىنلىكىنى قىياس قىلغان بىر ۋاقىتتا ۋاشىنگتونغا يېيىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شيې فېڭ بىر كەسپىي دىپلومات، شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خىتاي ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سابىق باش ئەلچى چىنگاڭدەك قويۇق ئەمەس، دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سودا، تېخنولوگىيە، تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز، كىشىلىك ھوقۇق، جاسۇسلۇق شارى قاتارلىق ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئۆتكۈرلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن بېرى توڭلىتىلغانىدى. «پولىتىكو» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، شيې فېڭنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىشى، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىختىلاپنى يۇمشىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بېيجىڭ، پرېزىدېنت بايدېننىڭ 22-ماي كۈنى ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «قىسقا ۋاقىتتا يۇمشىشى» مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا شيې فېڭنى ۋاشىنگتونغا يوللىغان.