خىتاي ئەلچىسى سۈي تيەنكەينى قوغلاپ چىقىرىش چۇقانلىرى كۆتۈرۈلمەكتە
2020.03.17
خىتاينىڭ ئوخشىمىغان يوللار ئارقىلىق ئامېرىكانى «تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى» دەپ تۆھمەت قىلىشى ھەر ساھەنىڭ تەنقىدلىرى شۇنداقلا خىتايغا بولغان غەزىپىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.
«ۋاشىنگتون تەپتىشى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 16-مارت سانىدا ئېلان قىلىنغان توم روگان ئىمزاسىدىكى ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينى ئامېرىكادىن قوغلاپ چىقىرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ۋىرۇس مەسىلىسىدە دۇنياغا يالغان ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، «شى جىنپىڭ باشلامچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى بارلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم» دەپ كۆرسىتىلدى.
توم مورگان بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدىلىكتە ھېچقانداق پاكىتسىزلا ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى ئامېرىكاغا ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇ تۆھمەتكە قايتۇرغان جاۋابى يېتەرلىك بولمىدى» دېگەن. ماقالىدا بۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينى چاقىرتىپ دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرۇش ۋەقەسىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ خىلدىكى يالغانلارغا ئەمدى سەۋر قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، سۈي تيەنكەينى قوغلاپ چىقىرىدىغان پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.