خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەندى

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھالقىلىق بىر پەيتتە تۇرغان، ھەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئۆزىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، شى جىنپىڭنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى بولغان چىن گاڭنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 56 ياشلىق چىن گاڭ، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭ سىياسىتى» نى دىنىي رادىكاللىققا قارشى «تەربىيەلەش پروگراممىسى» دەپ ئاقلاپ كەلگەن ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىدىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى 30-دېكابىر بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 69 ياشلىق ۋاڭ يىنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىغا ئۆستۈرۈلگەنلىكى، ئۇنىڭ خىتاي تاشقى سىياسىتىدە تېخىمۇ چوڭ چۆل ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چىن گاڭ 30-دېكابىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان خىرىسلارنى ھەل قىلىشتا خىتاي دىپلوماتىيەسىنىڭ «خىتاي ئەقىل-پاراسىتى، خىتاي تەشەببۇسى ۋە خىتاي كۈچى» نى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چىن گاڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى، سودا ھەم ئەقلىي مۈلك ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر ۋاقىتتا باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ، ۋەزىپە ئۆتىگەن قىسقىغىنە 17 ئايدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ قانۇن ۋە سىياسىي كۈنتەرتىپىگە كىرىپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

لېكىن، بۇ جەرياندا ئۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مىللىي ياكى دىنىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، بۇنىڭ تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەنپ كەلگەنىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، چىن گاڭ باش ئەلچى مەزگىلىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يەنىلا جىددىيلەشكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىمۇ قىسقا بولغان.

ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى خىتاي باش ئەلچىسى 8 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.