ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تارماق كومىتېتىنىڭ 17-يانۋار چاقىرىلغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا، بايدېن مەمۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتنىشىشى سەۋەبىدىن جازا يۈرگۈزۈلگەن خىتاي ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىۋەتكەنلىكىنى تەنقىدلەنگەن.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 2022-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگو قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. لېكىن پرېزىدېنت بايدېن ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سان-فرانسىسكودا ئۇچراشقاندا شى جىنپىڭنىڭ فەنتانىلغا قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، سودا مىنىستىرلىقى خىتاي ئەدلىيە پەنلىرى ئىنستىتۇتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقارغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھىندى-تىنچ ئوكيان تارماق كومىتېتىنىڭ 17-يانۋار چاقىرىلغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى ئېمبارگونىڭ خىتاينىڭ فەنتانىلغا قارشى ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
يىغىندا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى تې روزمان كەندلېر، «بەزىدە ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سودىدا يول قويۇلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. لېكىن يىغىندا ئۇلارنىڭ سۆزى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن تارماق كومىتېت رەئىسى ئاندى بار بىلەن يوڭ كىمنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ ۋىدېيوسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاندى بار مۇنداق دېگەن: «بىز نېمە ئۈچۈن…. زەھەرلىك ئەپيۈن ياساشقا مەسئۇل بولغان خىتاي ئاپپاراتلىرىنى جازالاش ئورنىغا، خىتاي مەخپىي ساقچىسىنىڭ گېن سىناق قىلىش ئورنىنى ئېمبارگو تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلايمىز».
يىغىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى ئېلىئوت كاڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ «چوقۇم تاكتىكىلىق» قارار چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇلار بەلكىم بىز قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بىر سودا. بۇ نۇقتىدىن مەن ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن ھازىرقى بۇ ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا پۈتۈنلەي بىردەكلىك بارلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن» دېگەن.