خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 23-ئىيۇل ئامېرىكادىكى 7 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئەمەلدار ۋە ئاپپاراتلارغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئېمبارگو قويغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارار ئامېرىكىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «خوڭكوڭ سودا ئاگاھلاندۇرۇشى» غا قارىتا چىقىرىلغانىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىلىشىش باشقارمىسىنىڭ خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشتا رول ئوينىغان 7 نەپەر ئەمەلدارىغا ئېمبارگو قويغان شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ ئىبارگو قويغان شەخس ۋە ئاپپاراتلار سابىق ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋېلبۇر رۇس، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق ئامېرىكا-خىتاي بىخەتەرلىك-ئىقتىسادى كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى كارولىن بارتېلومېيوۋ، خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق ئىشخانا دىرېكتورى جوناتان ستىۋېرس، ئامېرىكا خەلقئارا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئادام كىڭ، ئامېرىكا خەلقئارا دېموكراتلار ئىنستىتۇتىنىڭ پروگرامما ياردەمچىسى كىم دو يۈن، خوڭكوڭ دېموكراتىيە كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفېي رىچاردسون قاتارلىقلارنى ئۆ ئىچىگە ئالىدىكەن.
سوفېي رىچاردسون، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئاز دېگەندە بىر مىليون 800 مىڭ ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى چەكلىشى، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، د ن ئا ئامبىرى قۇرۇشىنى پاش قىلىش ۋە ھۆججەتلەشتۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينىغانىدى.