ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سابىق سېكرېتارى ياڭ گاڭ 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن دەۋرىدە كۆپ خىل ھوقۇقلارنى تۇتقان سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گاڭ بېيجىڭ شەھىرى سوتى تەرىپىدىن پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن تۈرمە جازاسىغا مەھكۇم قىلىندى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «خىتاينىڭ تىنچسىز رايونى شىنجاڭ»نىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ياڭ گاڭ پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ 14مىليون سوم يەنى ئامېرىكا دوللىرى بويىچە 2مىليون 100 مىڭ دوللار پارا يېگەنلىكى بېكىتىلگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ياڭ گاڭنىڭ سوتلىنىشى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، «جۇڭگو ئاخبارات تورى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ گاڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسى ئۈستىدە ئاشكارا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، 1 مىليون سوملۇق شەخسىي مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.

سوت مەھكىمىسى، جاۋابكار ياڭ گاڭنىڭ 1998-يىلى ئاپرېلدىن 2012-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋە بېيجىڭدىكى ھەر خىل ساھەلەردىكى ۋە ھەر خىل دەرىجىدىكى رەھبەرلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئۆتكۈزگەن قىلمىشلىرىنى ساناپ چىققان. سوت مەھكىمىسى يەنە ئۇنىڭ 2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، ئۆزى بىۋاسىتە ۋە ياكى خوتۇنى، پەرزەنتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ 13 مىليون 792 مىڭ 765 سوم قىممىتىدىكى پۇل-مېلىنى ئالغانلىقىنى بېكىتكەن.

بېيجىڭ شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ياڭ گاڭنىڭ قىلمىشىنى پارا ئېلىش جىنايىتى دەپ بېكىتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى ئاكتىپ تاپشۇرغانلىقى، گۇناھىنى تاپشۇرۇش ئىپادىسى بارلىقى ۋە بارلىق زاڭ پۇل، مالنى ئاكتىپ تاپشۇرغانلىقى ئۈچۈن جىنايىتىنى يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلغان.

ياڭ گاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن دەۋرىدە، يەنى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باشقا بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىدى.