بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «كىچىك قىزىل ئەسكەرلەر» نامىدا كۆپلىگەن باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
2007-يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون بېيچۇەندە قۇرۇلغان «بېيچۇەن قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى» دەل شۇ خىلدىكى مەكتەپلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۈردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئىنقىلاب تارىخى ۋە شۇ ئاساستىكى ئاتالمىش «خىتاي ۋەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» نۇقتىلىق پېداگوگىكا پروگراممىسى قىلىنىدىكەن.
بۇ تۈردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىسادى بىۋاسىتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مالىيەسىدىن كېلىدىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە، خىتاي كومپارتىيەسى ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ يۇقىرى سوممىدا پۇل ئىئانە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. پۇل ئىئانە قىلغۇچىلار ئىچىدە دېڭ شياۋپىڭ، لى رۇيخۈەن، خې لۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ئاياللىرى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئانىسىنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، «كىچىك قىزىل ئەسكەرلەر» نامىدىكى بۇ خىل باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇشى خىتاي كومپارتىيەسى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئۇزاققىچە تۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن «قىزىل ئەۋلاد » يېتىشتۈرۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا.