جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مۇئاۋىنى شى خۈينىڭ خىيانىتى 100 مىليون سومدىن ئاشقان

2015-يىلى «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ قويۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىرى شې خۈينىڭ قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تاپقان پۇلى يۈز مىليوندىن ئوشۇقلۇقى مەلۇم بولغان.

بۈگۈن، جۇڭگو خەۋەرلەر تورى قاتارلىق تور بەتلەر خەۋەر تارقىتىپ، شې خۈينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى مۇئاۋىنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئىدارىسى ۋە تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلاردا پارتكوم سېكرېتارى ۋە ئىدارە باشلىقى بولغان مەزگىللەردە ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ پايدا ئېلىش، باشقىلاردىن زور مىقداردا پارا ئېلىش، سوۋغات قوبۇل قىلىش ئارقىلىق قانۇنسىز مال-دۇنيا يىغقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، شې خۈينىڭ بولۇپمۇ تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىدە ئىشلىگەن مەزگىلى ئۇنىڭ پارىخورلۇق قىلىشىغا ئەڭ قۇلاي شارائىت يارىتىلغان بىر مەزگىل بولغان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ قىلمىشى ۋە يىغقان 100 مىليون سوم پۇلىنىڭ مىقدارىغا قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلىرى «كىشىنى چۆچۈتىدىغان» دەرىجىدە ئېغىر، دەپ باھالىغان.

ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر شى خۈينىڭ دېلوسىنى بۇنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى، دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش باش نىشان قىلىنغان سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىماقتا.

شې خۈي 2015-يىلى 7-ئايدا ۋەزىپىسىدىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈشكە ئېلىنغاندىن كېيىن 2016-يىلى 1-ئايدا رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئىكەن.