خىتاي كومپارتىيەسى ئۆز ئەمەلدارلارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىغا تۈرمە زىيارىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.05.25

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسى يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىنى تەشكىللەپ تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلدۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خۇبېي ئۆلكىسى 70 نەپەردىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك كومپارتىيە ئەمەلدارى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇنلىرىنى تەشكىللەپ پۈتۈن بىر كۈن تۈرمە زىيارىتى قىلدۇرغان. مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكى بۇ جەرياندا خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئىجرا قىلىۋاتقان 15 نەپەر جىنايەتچى بىلەن ئۇچراشتۇرۇلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆۋىنامىلىرى ئاڭلىتىلغان.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، بۇنى «پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىككە قارشى بىر مەيدان ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيىسى» دەپ ئاتىغان.

خەۋەردە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئەمەلدارلارغا تۈرمە زىيارىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنىڭ پۈتۈن خىتاي بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ خىل كۈلكىلىك تەدبىرلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن چىرىپ، چاك-چېكىدىن ئايرىلغانلىقىنى شۇنداقلا ئۆز سەلتەنەتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى بىمەنىلەرچە ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.