«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى جاۋ شىڭۋېي تەكشۈرۈشكە ئېلىندى
2015.05.28
ئۇيغۇر ئېلىدىكى كومپارتىيە ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى، باش مۇھەرىرى جاۋ شىڭۋېي پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان.
خەۋەردە ئۇنىڭ ئىنتىزامغا قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىككە مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، جاۋ شىڭۋېي ئەسلىدە شەنشىلىك بولۇپ، ئۇ 1986-يىلى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇ بۇ جەرياندا قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا كاتىب، بۆلۈم باشلىقى، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
جاۋ شىڭۋېي 2011-يىلىدىن بۇ يىل 4-ئايغىچە شىنجاڭ گېزىتىگە پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تۇرغان. جاۋ شىڭۋېينىڭ مەسىلىسىنىڭ ئۇنىڭ قەشقەردە ئەمەلدار بولۇپ تۇرغان مەزگىلى بىلەن كۆپرەك ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «فۇلى لاتارىيە مەركىزى»نىڭ باشلىقى بولغان يىن مىڭكۈينى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغان ئىدى.