خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ياڭ جىنچاۋ ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لى يۈنچېڭ، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، 26-ئىيۇل كۈنى كومپارتىيە ئەزالىقىدىن چىقىرىلىپ، خىزمىتىدىن ئېلىۋېتىلىپ، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.
خەۋەردە يەنە پارىخورلۇق، چىرىكلىك، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش بىلەن تەكشۈرۈلگەن ئەنخۇينىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ياڭ جىنچاۋنىڭ تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىغانلىقى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لى يۈنچىڭنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ بايلىق توپلىغانلىقى، تەكشۈرۈشكە قارشىلىق قىلغانلىقى قاتارلىقلار ئەسكەرتىلىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2012-يىلى«پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلىرىدىن جازالانغانلار 60 تىن ئاشقان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇلارنىڭ «پارىخورلۇق ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى» خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان «پارىخورلۇق» قىلمىشىغا زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۆزىگە قارشى گۇرۇھتىكىلەرنى تازىلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.