خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە شتابىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى، گېنېرال پولكوۋنىك ۋاڭ جيەنپىڭ چېڭدۇدا قولغا ئېلىنغان. ئۇ ھازىرغا قەدەر قولغا ئېلىنغان ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى گېنېرال پولكوۋنىك دەرىجىلىك بىردىن -بىر ھەربىي ئەمەلدار.
خوڭكوڭ «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 62 ياشلىق ۋاڭ جيەنپىڭ 25-ئاۋغۇست چېڭدۇدا خىزمەت سەپىرى ئۈستىدە قولغا ئېلىنغان. شۇ كۈنى يەنە ئۇنىڭ بېيجىڭدا قالغان ئايالى بىلەن كاتىپى تۇتقۇن قىلىنغان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان دەپ قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سابىق كومپارتىيە سىياسىي قانۇن سېكرېتارى جۇ يۈڭكاڭ، سابىق خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇ، گۇ بوشيۈڭ گۇرۇھىغا چېتىشلىق ئىكەن.
ئۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى، گېنېرال پولكوۋنىك تيەن شيۇسى قولغا ئېلىنغان. ئەمما ئۇ قولغا ئېلىنغاندا دەم ئېلىشقا چىقىپ بولغان ئىدى.
ۋاڭ جيەنپىڭ 2009-يىلدىن 2014-يىلغا قەدەر خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان. ئەمما 2014-يىلى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ ھوقۇق مەركىزىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بىرلەشمە باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقلىقىغا يۆتكەلگەن.
