رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 31-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر ئەمەلدارى سابىق خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىننىڭ قومۇرۇۋېتىلگەن بېغىشلىمىسى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرغان.
ئۇ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا: «يولداش جياڭ زېمىننىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا يېزىپ بەرگەن بېغىشلىمىسىنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئېلىۋېتىلىشى ھەرگىزمۇ ھۆرمەتسىزلىكنىڭ ئالامىتى ئەمەس، بىز يەنىلا ئۇنى بۇرۇنقىدەك ھۆرمەت قىلىمىز» دېگەن.
تيەنجىندىكى زور پارتلاشتىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار جياڭ زېمىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا يېزىپ بەرگەن بېغىشلىمىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلىۋەتكەن. بۇ ئەھۋال تاراتقۇلارغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولغان. كۆپلىگەن سىياسىي ئانالىزچىلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر بۇنى شى جىنپىڭنىڭ جياڭ زېمىننى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئالدىنئالا بەرگەن سىگنالى دەپ ھېسابلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ بىلەن سابىق خىتاي رەھبىرى جياڭ زېمىن گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش ۋە كۈچ سىنىشىش كۈرىشى تيەنجىندىكى زور پارتلاشتىن كېيىن تېخىمۇ جىددىيلەشكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شۇنچە كۆپ غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ۋەقەگە، يەنى جياڭ زېمىننىڭ خىتاي مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدىكى بېغىشلىمىسىنىڭ ئېلىۋېتىلىشىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى تېخىمۇ زور دىققەت قوزغىماقتا.