بىڭتۇەننىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى ياڭ فۇلىن سوتقا تارتىلغان

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سابىق دائىمىي ھەيئىتى، بىڭتۇەن سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرىتارى ياڭ فۇلىن پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياڭ فۇلىن جەمئىي 30 مىليون 490 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالغان، دەپ ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭ تۇنجى مەيدان سوتى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان.

خەۋەردە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى، بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتنىڭ سابىق ئەزاسى، بىڭتۇەن سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرىتارى بولغان ياڭ فۇلىننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە بېرىلگەن قۇرۇلۇش تۈرى ھۆددىگەرلىكى، سىياسىي قانۇنغا دائىر دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا زور سوممىدا پارا ئالغانلىقى، ئۇنىڭ ئالغان پارىسىنىڭ 30 مىليون 490 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېرىم ھەربىي خاراكتېرلىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانى بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاېىرغا قاماش شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا تايانچىلىق رولىنى ئوينىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئۇنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىگە، شۇنداقلا بىڭتۇەنگە قاراشلىق بەزى چوڭ شىركەتلەرگە جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئىدى.

ياڭ فۇلىن 2013-يىلىدىن تاكى ئۇ «سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان 2021-يىلى 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي-قانۇن ساھەسىنى كونترول قىلىپ كەلگەن يوقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدار ئىدى. ياڭ فۇلىننىڭ بىڭتۇەن سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرىتارى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2017-يىلىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن، لاگېرلارغا قاماش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىدە باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.