خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 29-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى شاۋمىڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى، قانۇن ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇڭگو خەۋەرلىرى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، شى شاۋمىڭنىڭ پارىخورلۇق، ئۆز خىزمىتىگە سادىق بولماسلىق، سوت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاش، دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق مەسىلىلەرنى يۇقىرىغا دوكلات قىلماسلىق، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلىرى سەۋەبلىك، كومپارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىندى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىق، رويتېرس قاتارلىق چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭ 2012-يىلنىڭ يىل ئاخىرى باشلىغان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە، خىتايدىكى مىنىستىر، ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىنلا 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، چارە كۆرۈلگەنلىكى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى ياكى 15 يىلدىن يۇقىرى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار تىلغا ئېلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.