خىتاي ھۆكۈمىتى 18-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جۈنجېڭنى تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم چەتئەل ئاخباراتلىرى «شىنجاڭدىكى باش ساقچى» دەپ ئاتىغان ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ بۇ يوسۇندا ئۆستۈرۈلۈشى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
مەلۇم بولۇشىچە ۋاڭ جۈنجېڭ شۇنىڭغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتىگەنىكەن. 2021-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقتا زور جاۋابكارلىقى بارلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ۋاڭ جۈنجېڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نەپەر خىتاي ئەمەلدارىغا جازا ئېلان قىلغانىدى. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى جازا ئېلانىدا «ۋاڭ جۈنجېڭ قانۇن ساھەسىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلدە شىنجاڭدىكى قانۇنسىز تۇتقۇن ۋە جىسمانىي قىيناقلارنىڭ ئەۋجىگە چىقىشىغا بىۋاسىتە جاۋابكار» دەپ كۆرسىتىلگەنىدى. ئەمدى مۇشۇنداق بىر شەخسنىڭ ئۆستۈرۈلۈپ تىبەت رايونىغا ئەۋەتىلىشى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قانداق يېڭى زۇلۇملارنى پەيدا قىلىشى ھەققىدە ئوخشىمىغان تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتىكەن.