ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل 1300 گە يېقىن ئەمەلدار جازالانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.12.23

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 2013‏-يىلى 1‏-ئايدىن 11‏-ئايغىچە 1234 نەپەر ئەمەلدار قانۇن‏-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 11 كىشى نازارەت دەرىجىلىك، 62 نەپىرى ناھىيە دەرىجىلىك، 254 نەپىرى يېزا-بۆلۈم دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىكەن.

بۇ ئۇچۇرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە نازارىتى 20‏-دېكابىر چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىغان. بىر تەرەپ قىلىنغان 1234 نەپەر ئەمەلداردىن 79 كىشى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي ئەيىبلىشىگە تاپشۇرۇلغان.

دائىرىلەر يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ سىياسىي، تەشكىلى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، يەر مۈلك سودىسى، ياردەم پۇلى ۋە مەبلەغنى باشقۇرۇش، يەر ۋە بايلىق ئېچىش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش، پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك قىلىش، بۇزۇقچىلىق قاتارلىق قىلمىشلار سەۋەبلىك بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.